Skip to main content

جاۋابسىز قالغان تېلېفون

بۇ ھېكايە ئۆز پەرزەنتلىرى بىلەن تېلېفوندا سۆزلىشىش، كۆرۇشۇش ۋە دىدارلىشىش قاتارلىق ئەڭ ئەقەللىي ئىنسان ھەقلىرى مۇستەبىت خىتاي ھاكىمىيەتى تەرپىدىن دەپسەندە قىلىنغان سۆيۈملۇك ۋە قەھىرمان ئۇيغۇر ئانىلىرىغا بېغىشلاندى.

Credits Text: Aziz Isa Elkun April 15 2020

قۇياش پارلىغان سەھەردە بۈك- باراقسانلىق دەرەخلەر ئارىسىدىكى قۇشلارنىڭ ۋىچىرلاپ سايراشلىرى كىشىگە بۈگۈنكى بۇ بىر كۈننىڭمۇ بىز ئارقىمىزدا ئالدىراش قالدۇرۇپ كەتكەن ھەرقانداق بىر كۈندىن قېلىشمايدىغان، قىممەتلىك ھايات ئۆز مەنىسىنى كامالەتكە يېتىپ ئىپادىلەيدىغان، گۈزەللىككە ۋە ئەھمىيەتلىك دەملەرگە تولىدىغان يەنە بىر ياپ يېڭى بىر كۈننىڭ باشلىنىۋاتقانلىغىدىن كۆڭۇللەرنى مەستخۇش قىلاتتى.

مەن ئۇشبۇ مىنۇتلاردا شۇنداق بىر روھلۇق كەيپىياتتا ئىدىمكى كىچىك قىزىمنى قولىدىن يېتىلەپ، ئۇنىڭغا دۇنيا ھەققىدە قىزىق ۋە گۈزەل ھېكايىلەرنى ئېيتىپ بەرگەچ، ئۇنى ئالدىراش مەكتەپكە ئېلىپ كېتىۋاتاتتىم. پىيادىلەر يولى خېلىلا تار بولغاچقا ئادەتتە ئۇچ ئادەم تەڭ ياندىشىپ ماڭالمايتتى. ئەگەر ئالدىمىزدا بىرەر ئادەم ئاستاراق كېتىپ بارغان بولسا، ئۇ ئادەمنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ يولىڭىزنى تىزرەك داۋاملاشتۇرۇشىڭىز ئۈچۈن «مەرھەمەت، كەچۈرۈڭ، ماڭا يول بەرگەن بولسىڭىز!» دىگەندەك تەكەللۇپ گەپلەرنى قىلىپ يول سورىشىمىز كېرەك ئىدى.

تەلىيىمىزگە بىزنىڭ ئالدىمىزدا بوۋاق ھارۋىسى ئىتتىرىپ، مېنىڭ قىزىم بىلەن تەڭ ياشتىكى بىر كىچىك قىزنى بىللە ئېلىپ كېتىپ بارغان بىر ياش ئايال ئۇچۇردى. بۇ ئايالنى مەن بىر قانچە يىللاردىن بۇيان تونۇيتتىم. بۇ ئايال ئائىلىسى بىلەن مېنىڭ قىزىم ئىككىنچى سىنىپتا ئوقۇۋاتقاندا بىزنىڭ مەھەللىگە فرانسىيەنىڭ نىس (Nice) شەھرىدىن كۆچۈپ كەلگەن ئىدى. بۇ ئايالنىڭ قىزى بىلەن مېنىڭ قىزىم شۇنىڭدىن بۇيان بىر سىنىپتا ئوقۇپ كېلىۋاتاتتى. بۇ ئايالنىڭ ئىسمى لۇسىې (Lucie) بولۇپ، مىللىتى فرانسۇز ئىدى. بىز ئادەتتە ئۇچرىشىپ قالساق تەكەللۇپلۇق سالام – سائەتلىرىمىزنى ئاياشمايتتۇق.

مەن لۇسىې خانىمغا ئارقىسىدىن يىتىشىۋالغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ يانفونىدا ۋىدېئو تېلېفون ئارقىلىق بىر ياشانغان سېرىق چاچلىق ئايال بىلەن قىزغىن پاراڭلىشىۋاتقىنىنى كۆردۇم- دە ئۇنىڭغا دەخلى قىلماسلىق ئۈچۈن گەپ- سۆز قىلماي يېنىدىن ئۆتۈپ كېتەي دەپ ئويلىدىم يۇ ئەمما مۇنداق قىلسام مەن ياخشى تونۇيدىغان بىر كىشىگە ئەتىگەندىلا قىلغان ئەدەپسىزلىكىم بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرىدىم ۋە ئۇنىڭغا پەسرەك ئاۋازدا « – خەيرلىك سەھەر لۇسىې! » دېدىم. ئۇ مۇ ماڭا جاۋابەن تەبەسسۇم بىلەن ئەينەن سۆزنى تەكرارلىدى ۋە قوشۇمچە قىلىپ «-كەچۈرۈڭ، مەن ئاپام بىلەن ۋىدېئو تېلېفون ئارقىلىق پاراڭلىشىۋاتاتتىم.» دېدى بىر خىل ئۆزۇرلۇك قىياپەتتە.

« -كېرەك يوق لۇسىې، سىز نېمە دېگەن بەخىتلىك ھە، سىز خالىغان ۋاقتىڭىزدا ۋىدېئو تېلېفون ئارقىلىق ئاتا- ئانىڭىز بىلەن سۆزلىشەلەيسىز، يەنە سىز خالىغاندا ئاتا- ئانىڭىزنى يوقلاپ بارالايسىز… سىزنىڭ ئۆيىڭىزگە بېرىشىڭىزغا ۋىزىمۇ كەتمەيدۇ….» دېدىم ۋە يەنە بىر نىمىلەرنى دېمەكچى بولدۇم يۇ – لۇسىې خېنىمگە كۇلۇمسىرىگەچ ياندىشىپ ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ قىزىم بىلەن يولىمىزنى داۋام قىلىۋەردۇق. ئەمما مەن لۇسىې نىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ 100 مېتىرچە ماڭغاندىن كېيىن كەسمە يولدا يولدىن ئۆتۈش ئۈچۈن قىزىل چىراغنىڭ يېشىل چىراغقا ئالمىشىشىنى كۈتۈپ تۇرۇپ قالدىم. شۇ ئەسنادا ھايال بولمايلا لۇسىې ئارقىمىزدىن كېلىپ بىزگە يېتىشىۋالدى ۋە مەندىن ئەجەبلىنىش ئىچىدە سورىدى:

« -كەچۈرۈڭ، سىزنىڭ ماڭا ھېلى نېمە دېگىنىمىز ئېسىمدە، ئەمما ئۇ چاغدا مەن تېلېفوندا ئاپام بىلەن سۆزلىشىۋاتقان بولغاچقا سىزگە ۋاقتىدا جاۋاپ قايتۇرالمىدىم.» دېدى.

ئۇ گېپىنى تۈگىتىپ تۇرۇشىغا بىز كۈتۈۋاتقان چىراغ يېشىلغا ئالماشتى. بىز ھەممىمىز ئالدىراش ئىككى يېنىمىزغا قارىغاچ بالىلىرىمىزنىڭ قوللىرىنى مەھكەم تۇتۇپ يولدىن ئۆتتۇق. لۇسىې يەنە سۆزنى داۋاملاشتۇردى.

« – ئەگەر مەن خاتا ئاڭلىمىغان بولسام سىزنىڭ ماڭا ‘سىز نېمە دېگەن بەخىتلىك، ئاتا- ئانىڭىز بىلەن تېلېفوندا كۆرۇشەلەيدىكەنسىز’ دېگىنىڭىزنى چۈشىنەلمىدىم. بۇ سىزنىڭ نېمە دېگىنىڭىز؟ سىز ئاتا- ئانىڭىز بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ سۆزلىشەلمەمسىز؟ سىزنىڭ ئاتا – ئانىڭىز ياشايدىغان ئۇيغۇر دۆلىتىگە ۋىدېئو تېلېفونى قىلسىڭىز بەك قىممەت توختامدۇ يە؟ …. » دېگەندەك بىر تالاي سوئاللارنى ياغدۇرۇۋەتتى.

مېنىڭ كەيپىم سەل جىددىيلەشكەندەك ئىدى. شۇنداقتىمۇ ئەركىنلىكنىڭ مامۇق بۆشۈكىدە توغۇلغان ۋە چوڭ بولغان، شەرقنىڭ «سوتسىيالىزم»، «كوممۇنىزم»، «مىللىي بۆلگۈنچىلىك» دېگەندەك سىياسىي سەپسەتەلىرىنى ئانچە ياخشى چۈشۈنۈپ كەتمەيدىغان بۇ ياۋرۇپالىق ئېسىل- زادە خېنىمغا ئەمدى ئۆزۈمنىڭ نېمە ئۈچۈن ئاتا- ئانام بىلەن تېلېفوندا كۆرۇشەلمەيدىغانلىقىمنى سەۋرچانلىق بىلەن چۈشەندۇرۇشۇم زۆرۈر ئىدى.

«- ياق، لۇسىې، ئىش سىز ئېيتقاندەك ئۇنداق ئاددىي ئەمەس، مەن ئادەتتە تېلېفون قىلسام تېلېفون ھەققى سىزنىڭ فرانسىيىگە قىلغان تېلېفون ھەققىڭىزدىنمۇ ئەرزان توختايدۇ. مەن ھازىر ئاتا ئانام بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشمىگىلى بىر قانچە ئاي بولدى. ئۇرۇق -تۇققانلىرىمغا تېلېفون قىلمىغىلى بىر قانچە يىللار بولدى. ھەتتا ۋەتىنىمدىكى بالامغىمۇ ھازىر تېلېفون قىلالمايمەن … تۇققانلىرىمغا تېلېفون قىلسام جاۋاپ بەرمەيدۇ. ئاتا – ئانامغا تېلېفون قىلسام، مېنىڭ ئۆزلىرىگە تېلېفون قىلماسلىقىمنى ئېيتتى چۈنكى ساقچىلار كېلىپ ئۇلارنىڭ مەندىن كەلگەن تېلېفونغا جاۋاپ بەرمەسلىكىنى، ئەگەر جاۋاپ بېرىپ تېلېفوندا مەن بىلەن سۆزلەشسە جازالىنىدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت سېلىپتۇ. مەن مۇنداق دېسەم بۈگۈنكى DNA دۇنياسىدا مۇشۇنداقمۇ ئىش بارمۇ دەپ مېنىڭ گېپىمگە ئىشەنمەسلىكىڭىز مۇمكىن ئەمما مەن سىزگە دۇنيادا تەرىپىدىن ئۇنتۇلۇۋاتقان، ياردەمچىسىز قېلىۋاتقان بىر مەزلۇم خەلقىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە بېشىدىن ئۆتكۈزۈۋاتقان كۈرمىڭلىغان ئەلەملىرىنىڭ پەقەت ئۆزۈم بىلگەن بىرنىلا ئېيتىشقا قادىر بولۇۋاتىمەن … بولۇپمۇ مېنىڭ دۆلىتىم 1949- يىلى مۇستەملىكىگە مەھكۇم بولغاندىن كېيىن ھازىرغىچە مۇستەملىكە سىياسىتى بىلەن باشقۇرۇۋاتقان، مەن توغۇلغان ئەشۇ دۆلەتتە ئىنسانلىقنىڭ قەدرى قىممەت باھاسى ھەممىدىن ئەرزان. دېمەكچى بولغىنىم ئۇ يەردە قانۇن ئادەمنى ئەمەس، ئادەم قانۇننى باشقۇرىدۇ. دۇنيادا نوپۇسى ئەڭ كۆپ بۇ دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ ھەممىسى قۇلدەك ياشايدۇ … شۇڭا ھۆكۈمەت ۋە ساقچىلار خالىغىنىچە يانچۇقىدىن قانۇن چىقىرىپ كىشىلەرنىڭ ئەڭ ئەقەللىي بولغان تېلېفوندا ئۆز پەرزەنتلىرى بىلەن سۆزلىشىش ھوقۇقىدىن تارتىپ، نېمە كىيىش، نېمە يىيىشگىچە، ھەتتا قانداق تىلدا سۆزلىشىشگىچە بولغان بىر ئادەمدە تۇغۇلىشىدىنلا تەبئىي بار بولىدىغان ھوقۇقىنىڭ بىرىنىمۇ قويماي تارتىۋالغان. مانا بۇ دۆلەت تېخى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى بەش دۆلەتنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ دۆلەت ئۆزىنىڭ ئىنسانلىققا قارشى سادىر قىلىۋاتقان جىنايەتلىرىدىن ھازىر نومۇس تۇيغۇسىنى ھېس قىلمايدۇ، ئەمما تارىخ ھامىنى ئۇلاردىن جاۋاب ئالىدۇ. كىشىنى بەك ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى شۇكى دۇنيا، بولۇپمۇ غەربتىكى دېموكراتىك دۆلەتلەر ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ھازىر ھەممىگە كۆز يۇمۇپ، مۇشۇنداق ئىنسانلىققا قارشى بىر دۆلەت بىلەن شېرىكلىك مۇناسىۋىتىدە بولۇۋاتىدۇ. دۇنيادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ پۇل ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانىي قىممەت، ئەخلاق ۋە پەزىلىتىنى سېتىۋېتىشى كىشىنى تولىمۇ چۆچۈتىدۇ. سىزگە مەن بۇرۇن ئېيتقان، مېنىڭ مىللىتىم ئۇيغۇر، سىز ياخشى بىلىدىغان تىبەتلەرگە قوشنا ۋە تەقدىرىمىزمۇ ئۇلارغا ئوخشاپ قالىدۇ. مەن ئەشۇ ئۇيغۇر دېگەن مىللەتنىڭ پۇشتىدىن بولغانمەن ….»

لۇسىې خانىم گېپىمنى دىققەت بىلەن ئاڭلاپ كېتىۋاتاتتى. مەن سۆزۈمنى مۇشۇ يەردە توختىتىشىمغا ئۇلاپلا ئۇ گەپ باشلىدى.

« – سىزنىڭ ئېيتقانلىرىڭىزغا زادىلا ئىشەنگۈم كەلمەيۋاتىدۇ…. بۈگۈنكى دۇنيادا مۇشۇنداق ئىش بارمۇ؟ ئۇ يەردىكى ساقچىلار ئادەملەرنىڭ تېلېفوندا كىم بىلەن سۆزلىشىدىن تارتىپ باشقۇرامدۇ؟ مەن ھەيرانمەن. مەن ئۇيغۇرلارنى ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا تىبەتلەر ئارقىلىق بىلگەن ئىدىم. شۇ چاغدا سىلەرگە كۆپ ھېسداشلىق بىلدۇرگەنتىم. بۈگۈنكى كۈندە بىر دۆلەت بىر مىللەتنى بۇ قەدەرمۇ خورلىغان بارمۇ؟ سىلەر مۇسۇلمان بولغاچقا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان پۇقرالىرىدىن قورقۇپ مۇشۇنداق قىلىۋاتامدۇ؟ ئەمما بىر ئىنساننىڭ دىنىي ئېتىقادى بىلەن تېلېفوندا سۆزلىشىشنىڭ نېمە مۇناسىۋىتى بولسۇن. ئەگەر بۇ ئىش راست بولسا بۇ مەن ھازىرغىچە ئاڭلىغان بىر دۆلەت ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆز پۇقرالىرىغا يۈرگۈزگەن ئەڭ ئۇچىغا چىققان رادىكال سىياسەت دېسەم ھەرگىزمۇ ئاشۇرۇۋەتكەنلىك بولمىغۇدەك. »

لۇسىې خانىم گېپىنى توختاتقان ۋاقىتتا بىز ئاللىبۇرۇن مەكتەپنىڭ دەرۋازىسىغا كېلىپ قالغان ئىدۇق.

« – بولىدۇ، ۋەتىنىڭىزدە بولۇۋاتقان بۇ كۆڭۈلسىز ئىشلاردىن مېنى خەۋەر قىلغىنىڭىزدىن مەمنۇن بولدۇم. سىز ئەگەر خالىسىڭىز بىز يەنە باشقا بىر كۈنى بۇ ھەقتە پاراڭلىشارمىز. راسىت، مېنىڭ بىر مۇخبىر دوستۇم بار، ئۇ ئاسىيانىڭ سىياسىتىگە قىزىقىدۇ، ئەگەر خالىسىڭىز سىزنى ئۇنىڭ بىلەن تونۇشتۇراي. ئىنسانلىق ھوقۇقىدىن مەھرۇم ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئاز بولسىمۇ قولۇمدىن كەلگىنىنى قىلالىسام بۇ مېنىڭ شەرپىمدۇر. رەھمەت سىزگە! كۈنىڭىزنڭ خەيىرلىك بولىشىنى تىلەيمەن!» دېدى ئالدىراش بوۋاق ھارۋىسىنى ئىتتىرىپ مەكتەپ دەرۋازىسىدىن كىرگەچ. مەنمۇ تەكەللۇپ سۆزلەرنى قىلىپ لۇسىې خانىم بىلەن خوشلاشتىم. قىزىمنى سىنىپى ئالدىدا كۈتۈپ تۇرغان مەسئۇل ئوقۇتقۇچىغا تاپشۇرۇپ ئارقامغا قايتتىم.

مېنىڭ ئىككى پۇتۇم ئىككى قىزىمنى يەسلىدىن تارتىپ تاكى 6- سىنىپنى پۈتتۈرگىچە كۈندە بىر ياكى ئىككى قېتىم قاترايدىغان، شۇ قەدەر كونىراپ كەتكەندەك بىلىنىدىغان بۇ پىيادىلەر يولىدا خۇددى جۇۋازغا كۆنگەن كالىدەك مېنى ئېرەنلىك بىلەن كۆتۈرۈپ ئېلىپ ماڭماقتا ئىدى ئەمما ئەقىل-ئىدرىكىم بولسا ئىككى ئاي ئىلگىرى ئاپام بىلەن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم تېلېفوندا سۆزلەشكەن ئەسلىمىلەرگە باغلىنىپ ھالسىرايتى، ۋۇجۇدۇمنى قانداقتۇر سۆز بىلەن ئىپادىلىگۇسىز بىر خىل ئاچچىق ھەسىرەت، ئىزتىراپلىق ئازابلار توختىماي كۆيدۇرەتتى.

« -ھېللو ! ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! قانداق ئەھۋالىڭىز ئاپا، سالامەت تۇرۋاتامسىلەر؟ ئاتامنىڭ ئەھۋالى قانداق؟ بۈگۈن ئورنىدىن تۇرالىدىمۇ؟ مەھەللە ئىچى تېنچ- ئامان ….. »

ھاياتىدا نۇرغۇن ئىسسىق- سوغۇق كەچمىشلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن، تۇرمۇشنىڭ ھالاۋىتىدىن كۆرە ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى كۆپرەك تارتقان، ئۆزىنىڭ بۇ دۇنيالىق بىردىن بىر يالغۇز پەرزەنتىدىن ئايرىلىپ، بالا ئوتىدا مىڭ ئۆلۈپ، مىڭ تىرىلىپ، بۈگۈنگە قەدەر ئالاھەزەل 20 يىلنى سەبىر قىلىش بىلەن ياشاپ، ئەتە كېلىدىغان كۈننىڭ ياخشى بىر كۈن بولىدىغانلىقىغا ئۈمىد بىلەن تەلمۈرۈپ ئۆتكۈزگەن بۇ جاپاكەش ئانىنىڭ يىغا ئارلاش بوغۇق ئاۋازى تېلېفوندا ئۈزۈلۈپ – ئۈزۈلۈپ ئەكىس سادالار ئىچىدە بوغۇق ئاڭلىنىۋاتاتتى.

« – بالام، بىز ياخشى تۇردۇق … ئاتىڭىزدىن ئەنسىرىمەڭ. ئاتىڭىز يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان سىرىتقا مېڭىپ چىقالماس بولۇپ قالدى … مەن دورىسىنى ۋاقتىدا ئىچكۇزىۋاتىمەن …. جېنىم بالام، دېسەم تىلىم كۆيىدۇ، دېمىسەم ئەسلى كۆيىدۇ … ماڭا بۇ گەپنى سىزگە دېيىش تاشتىنمۇ ئېغىر كېلىۋاتىدۇ … جېنىم بالام، سىز مۇندىن كېيىن بىزگە بىر مەزگىل تېلېفون قىلمىغان بولسىڭىز … سىز ھەر قېتىم تېلېفون قىلغاندا ساقچىلار شۇ ۋاقىتتىلا ئۆيگە كېلىپ ‘بالىلىرى بىلەن سۆزلىمىسىلە، بولمىسا ئاقىۋىتى ياخشى بولمايدۇ، يۇقىرىدىن بىزگە شۇنداق بۇيرۇق بار…’ دەۋاتىدۇ. ھازىرغا قەدەر ئىككى يىل بولۇپ ئاشتى، ھەر ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا سىز تېلېفون قىلغاندىن كېيىنلا مەھەللىدىكى ساقچىلارغا ئۇلارنىڭ تەلىپى بويىچە سىزنىڭ تېلېفون قىلغانلىقىڭىزنى تېلېفون قىلىپ مەلۇم قىلىپ كېلىۋاتاتتىم …. بۇمۇ ئەمدى ئۇلارغا يەتمىگەن ئوخشايدۇ… جېنىم بالام، مەن ئەمدى قانائەت قىلىپ قالدىم، ھەر يەر بولسا خۇدانىڭ يېرى، مەن سىزدىن مىڭ مەرتىۋە رازى…. سىز بالىلىرىڭىز بىلەن خاتىرجەم، بەخىتلىك ياشىسىڭىز مەن خاتىرجەم بولىمەن … سىزنى ئاللاھقا تاپشۇردۇم جېنىم بالام … »

ئاپامنىڭ يىغا ئارلاش گېپى تېلېفوننىڭ ئۈزۈلگەندىن كېيىنكى دۇ..دۇ … دۇت سىگنالى ئىچىدە غايىب بولدى. بۇ دەل 2017- يىلى روزا ھېيىتىدىن بىر ھەپتە بۇرۇنقى شەنبە كۈنى ئىدى.

شۇ قېتىمقى تېلېفوندا سۆزلىشىشىمىزدىن كېيىنكى بىر ھەپتىنى پەرىشانلىق ۋە تەشۋىشلەر ئىچىدە مىڭ تەستە ئۆتكۈزدۈم. بۈگۈنمۇ ئوخشاش يەنە شۇ شەنبە كۈنى ئىدى. ئاۋال ئاتا-ئانامنىڭ ئوي تېلېفونغا تېلېفون قىلدىم، جاۋاپ يوق. كېيىن ئاپامنىڭ يانفونىغا تېلېفون قىلدىم. ئۇنىڭدىن بىر ھازا چاڭچىل مۇزىكىسى چىققاندىن كېيىن “دۇ … دۇ … دۇت “ سىگنالى بىلەن تېلېفون ئۈزۈلدى. ئاپام ئېنىقكى نائىلاجلىقتا مېنىڭ تېلېفوننى جاۋابسىز قالدۇرغان ئىدى … .

مەن بۇ ئېتى ئۇلۇغ شەھەر لوندونغا كەلگىنىمدە 30 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان، قەلبىمگە ئۇلۇغۋار ئارامانلارنى پۈككەن، دۇنيا ۋە ھاياتنىڭ سېھرلىرىگە ئوتتەك قىزغىنلىق بىلەن تەلپۈنىدىغان، ئاسارەتتىكى ئېزىلگەن خەلقىمگە ھەتتا پۈتۈن دۇنيادىكى زۇلۇم ئىچىدە ئازاب چېكىۋاتقان خەلقلەرگە ئادالەت تېپىشتەك ئۇلۇغۋار غايىلەرنى ئۆزۈمگە نىشان قىلغان بىر جەڭگىۋار پىدايى ئەمەسمىدىم؟ ئەجىبا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە مەن نېمە بولدۇم؟ مەن خەلقىمگە نېمە قىلىپ بېرەلىدىم؟ خەلقىمنىڭ ئىنساندەك ياشاش ھوقۇقىنى قوغداش، ئۆز تۇپرىقىدا ئادالەت، ھەققانىيەتكە ئېرىشىشىگە ئەمەس، بەلكى ئىنسانلىقنىڭ ئەڭ ئاددىي ھوقوقلىرىدىن ھېسابلىنىدىغان ئۆزۈمنىڭ ياشانغاندا باققۇچىسى يوق يالغۇز قالغان ئاتا- ئانام بىلەن ئايدا بىر قېتىم بولسىمۇ تېلېفوندا ئۇلارنىڭ ھايات ياكى ئۆلگەنلىكىنى بىلىش ھوقوقىدىنمۇ مەھرۇم بولۇپ قېلىۋاتىمەنغۇ؟

ئېنىقكى بۈگۈن يۈرىكىمگە پىغان پايخان سالغان ئىدى. مەن مۇشۇنداق ئازابلانغان، روھسىزلانغان ۋاقتىمدا ئەگەر ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالمىسام قەلبىم قېتىدا ئەسلىدىنلا ئوخچۇپ تۇرىدىغان ئىسيانكار روھىم بۇ قېتىم ۋۇجۇدۇمدىن پارتلاپ چىقىپ كېتىدىغاندەكلا قىلاتتى….ئوي پىكرىم مەن تۇرۇۋاتقان ماكاندىن شۇ قەدەر ئۇزاقلىشىپ كەتكەچكىمۇ ئۆزۈمنىڭ ئۆيگە قانداق كېلىپ قالغانلىقىنىمۇ سېزەلمەي قاپتىمەن. ئالدىمدىكى ھايات رىئاللىقىغا بويسۇنۇشۇم، پەرىشانلىقىنى ئەقىلگە، ئەقىلنى ھەرىكەتكە، ھەرىكەتنى ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرۇشۇم مۇقەررەر شەرت ئىدى چۈنكى مەن ئەمدى قانلىرى ھەمىشە قىزىپ تۇرىدىغان، قايناق ھېسسىيات بويىچە ئىش كۆرىدىغان تەنتەك بىر ياش ئەمەس ئىدىم.

كەچتە بىر كۈنلۈك ئىشنى تۈگىتىپ، ھارغىن ئۆيگە قايتىپ كەلدىم. ئىشىكنى ئېچىپ تاپسىدىن ئاتلاپ ئۆي ئىچىگە كىرىشىمگە ئوتتۇرا مەكتەپكە ئوقۇيدىغان چوڭ قىزىم ئالدىمغا يۈگۈرۈپ كېلىپ مېنى قۇچاقلىغاندىن كېيىن «-دادا، دادا، سىزگە ئېيتىدىغان بىر خوش خەۋەر بار … » دىگىنىچە ئېنگلىزچە ۋىچىرلاپ سۆزلەشكە باشلىدى.

«- دادا، بۈگۈن مۇئەللىم بىزگە جۇغراپىيە دەرسىدە ھەممىمىزنىڭ ئۆزىمىزنى تونۇشتۇرۇپ، ئاتا-ئانىمىزنىڭ قەيەردىن ئەنگلىيىگە كەلگەنلىكىنى ۋە شۇ دۆلەتنىڭ جۇغراپىيىسى ھەققىدە بىلىدىغانلىرىمىزنى ئېيتىپ بېرىشىمىزنى ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى. مەن شۇنىڭ بىلەن ‘ئەگەر مەن مېنىڭ دادام شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن دېسەم مۇئەللىم ھەتتا سىنىپتىكى ساۋاقداشلىرىم بۇ دۆلەتنى بىلمىسە، مەن ساۋاقداشلىرىمنىڭ ئالدىدا مەسخىرىگە قالارمەنمۇ‘ دەپ ئەنسىرەپ كەتتىم. كېيىن ماڭا تونۇشتۇرۇش نۆۋىتى كەلگەندە ‘مېنىڭ دادام ئۇيغۇر، شەرقىي تۈركىستاندىن … ئۇ دۆلەت ھازىر مۇستەقىل ئەمەس… ئۇ يەرنىڭ ھاۋا كىلىماتى قۇرغاق ….‘ دەپ چۇشەندۇرسەم، تەلىيىمگە بىزنىڭ مۇئەللىم ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۇلارنىڭ دۆلىتى شەرقىي تۈركىستاننى ياخشى بىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ گەپنى ئاڭلاپ مەن بەك خوش بولۇپ كەتتىم…. ساۋاقداشلىرىممۇ ئەمدى مېنىڭ دادامنىڭ قايسى دۆلەتتىن كەلگەنلىكىنى بىلىدىغان بولدى … » دەپ ھاياجان بىلەن توختىماي سۆزلەيتتى.

« – مېنىڭ سۆيۈملۈك، ئەقىللىق قىزىم، سىز توغرا جاۋاب بېرىپسىز. شەرقىي تۈركىستان دادىڭىزنىڭ ھەم سىزنىڭ مۇستەملىكىدە قالغان ۋەتىنىدۇر ! ئۇ دۆلەتنى ھىچ بىر زامان ئۇنتۇماڭ، دادىڭىز شۇ دۆلەت بىلەن سىزنىڭ دادىڭىز بولۇپ ياشايدۇ! » دېدىم مەن قىزىمنىڭ پېشانىسىگە سۆيۈپ تۇرۇپ.

4- ئاۋغۇست، 2017- يىلى لوندوندا يېزىلدى.

ئاخىرقى سۆز:

مەن 2016-يىلى نويابىردا ئاتامنىڭ سەكراتتا ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تاپتىم، شۇنىڭ بىلەن لوندوندىكى خىتاي ئەلچىخنىسىدىن ئىنسانپەرۋەرلىك ۋىزىسى بىرىشنى تەلەپ قىلدىم، بىراق مېنىڭ ۋىزا ئىلتىماسىم رەت قىلىندى. مەن بۇ راست بولغان ھېكايىنى 2017-يىلى 4-ئاۋغۇست يېزىپ، ئارىدىن 3 ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، يەنى 11- ئاينىڭ 3- كۈنى دوستلىرىم ئارقىلىق قەدىردان ئاتامنىڭ ۋاپات بولغانلىغىدىن خەۋەر تاپتىم. مەن بۇ كىچىكىنە ئائىلىنىڭ يالغۇر پەرزەنتى بولغىنىم ئۈچۈن، بۇ كۈتۈلمىگەن مۇسىبەت ماڭا تاشتىن قاتتىق كەلدى… شۇنىڭدىن كېيىن بۈگۈنگىچە ياشىنىپ قالغان، يېنىدا ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ئادەىمى يوق يالغۇز ئاپامنىڭ ھايات ياكى تىرىك ئىكەنلىكىنى بىلەلمىدىم… 2018-يىلىنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ، ئالدىدىن پەرەز قىلىش مۇشكۇل بولغان شەرقىي تۈركىستاندىكى سىياسىي ۋەزىيەت تېخىمۇ يامانلىشىشقا قاراپ يۈزلەندى. خەۋەرلەردىن ئاشكارە بولدىكى بىر مىليۇندىن ئارتۇق ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتى تەرپىدىن ئېچىلغان يېڭىچە تۇرمە - ئاتالمىش «تەربىيلەش» لاگېرلىرىغا قامالدى. ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق ئالاقىللىرى ئۈزىۋېتىلدى. «تەربىيلەش» لاگېرلىرىدىكى ناچار شارائىت، قىيناش ۋە روھى ئازابلار سەۋەبدىن نۇرغۇنلىغا بىگۇناھ ئىنسانلار ئۆلۈپ كەتتى… چەتئەل مۇخبىرلىرنىڭ لاگېرلارىغا بېرىپ ھەقىقى ئەھۋاللارنى ئىگەللىشى چەكلەندى. ئەپسۇس، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارتا ئۆتكۈزۋاتقان بۇ جىنايەتلەرگە دۇنيا سۈكۈتتە تۇردى. بۈگۈن ئۇيغۇرلار ۋەتىنى شەرقىي تۇركىستاندا ھەر دەقىقىدە ئىنسانلىق مۇھەببىتىگە ئىنتىلىۋاتقان مىليۇنلىغان جانلارنىڭ كۆزىدىن ياش قان بولۇپ ئاقماقتا… ئۇيغۇرلار پۈتۈن دۇنيادىن ئىنسانلىق تەلەپ قىلىدۇ.

Like what you read?

Take action for freedom of expression and donate to PEN/Opp. Our work depends upon funding and donors. Every contribution, big or small, is valuable for us.

Donate on Patreon
More ways to get involved

Search