Skip to main content

يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تىل

Credits Text: Zulhayat Otkur Översättning från uiguriska: Flora Qumtur May 26 2020

جۇڭگونىڭ تىل سىياسىتىدە چىڭ سۇلالىسىنىڭ كېيىنكى دەۋرىدىلا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ،كېيىنچە ستالىنچە تىل پەلسەپىسىنى يىلتىز قىلغان تىل سىياسىتى يۈرگۈزۈلۈپ كەلگەن.

1982- يىلى بارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر چوقۇم خەنزۇ تىلىنى ئۆگىنىش بەلگىلەنگەن. شەھەرلەردە 1980-يىلى باشلانغۇچنىڭ 3-يىللىقىدىن باشلاپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگىچە خەنزۇ تىلى دەرسى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، 2500 دانە خەت ۋە 3500 سۆزنى بىلىش ۋەخەنزۇ تىلى گىرامماتىكىسىنى ئىگىلەش ئۆلچەم قىلىنغان. ئاز سانلىق ئوقۇغۇچىلارغا دەرس بېرىدىغان خەنزۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭمۇ مىللىي تىل يېزىقنى بىلىشى شەرت قىلىنغان. 1985-1987 يىلغىچىلىك يېڭى قانۇن ماقۇللىنىپ بارلىق يېزا ۋە چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى مەكتەپلەردىن تارتىپ خەنزۇ تىلىنى ئوملاشتۇرۇشى بەلگىلەنگەن.
2002- يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا چاغاتاي تىلى كەسپىدىن باشقا كەسىپلەرنىڭ بارلىق دەرسلىك كىتاپلىرىنى خەنزۇچىلاشتۇرۇش يولغا قويۇلغان بولۇپ، ھەقىقىي تۈردە قوش تىللىق مائارىپنى يولغا قويغان ئورۇن بولۇپ قالدى.
2004- يىلىدىن باشلاپ ھۆكۈمەت بارلىق باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە قوش تىللىق ئوقۇتۇشنى جۇڭگونىڭ سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ تەلىپى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭغا ئەگىشىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىمۇ قوش تىللىق ئوقۇتۇشقا ماسلاشتۇرۇش، يەنى ئۇلارنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيىسىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈش ئەگەر يەنىلا ماسلىشالمىسا ئورنىغا خەنزۇ تىللىق ياكى مىنكاۋخەن (خەنزۇۋان) ئوقۇتقۇچىلارنى سەپلەش قارار قىلىندى.
2004- يىلى 50 دانە خەنزۇ مەكتىپى ئۇيغۇرچە مەكتەپلەر بىلەن قوشۇۋېتىلدى. 2005-يىلىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى، چۆچەك، ئىلى ۋىلايەتلىرىدە بۇ خىل مەكتەپ باشقۇرۇش ئۇسۇلى يولغا قويۇلدى.
2006- يىلىدىن باشلاپ 7 دېھقانچىلىق رايونىدا يەسلىدىن باشلاپ قوش تىللىق مائارىپنى يولغا قويۇشنى باشلىدى. ئۇ بالىلارنىڭ ئائىلىسى ۋە ئوقۇتقۇچىلىرى بالىلىرىنى بۇ خىل ئۇسۇلدا تەربىيىلىگەنلىكى ئۈچۈن ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بېرىلىدىغان ئايرىم پۇلدىن بەھرىمەن بولدى.
يەسلى، باشلانغۇچ مەكتەپلەردىن باشلاپ قوش تىللىق مائارىپنى يولغا قويۇش يىللاپ زور كۈچ بىلەن ئېشىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، 2011-يىلغىچە شەھەرلەرنىڭ 50%، يېزىلارنىڭ 30%، چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ 20%، تاغلىق رايونلارنىڭ 10% قوش تىللىق مائارىپ بىلەن قوراللىنىپ بولۇش كېرەكلىكى بەلگىلەنگەن.

2017-يىلىدىن باشلاپ خىتاي تىلىنىڭ ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئورنىنى ئىگەللەش سۈرئىتى شىددەت بىلەن ئاشقان بولۇپ ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرىشىنى مائارىپتىن ۋە ئىجتىمائىي مۇھىتتىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.

ئۈرۈمچى قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردە ئىدارە ، جەمئىيەتلەرنىڭ ۋېۋىسكىلىرى ئىككى خىل يېزىقتا يېزىلغان بولۇپ، ئۇيغۇر تىلى ئۈستىدە ناھايىتى كىچىك قىلىپ يېزىلغان. شۇڭا ئۇيغۇرلار چاقچاق قىلىپ "ئۇيغۇر تىلى خىتاي تىلىنىڭ قېشى" دىيىشىدۇ.

خىتاي تىلى ئۇيغۇرلارنىڭ خىزمەتتە چوقۇم قوللىنىلىدىغان تىل بولۇشتىن باشقا يەنە تۇرمۇش ۋە شەخسىي ئالاقىدىمۇ خىتاي تىلىنى قوللىنىشقا قاراپ يۈزلىنىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ كىنو-تىياتېر، كىتابخانا، يىغىلىش سورۇنلىرى ۋە تور ئالاقە ئىشلىرىدا ھەممىسىدە خىتاي تىلى ئاساسلىق ئورۇننى ئىگەللەشكە يۈزلەندى.

2017- يىل 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئۇيغۇر تىلىنىڭ بارلىق باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇتۇش تىلى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىشى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. ئۇيغۇرچە دەرسلىك كىتابلارنىڭ ئورنىغا خىتايچە كىتابلار دەسسىتىلدى . بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئاتالمىش شىنجاڭ ئاپتونۇم رايونىدا چىقىدىغان ئۇيغۇر تىلىدىكى كىتاب ، ژۇرنال قاتارلىق نەشرىيات بۇيۇملىرىنىڭ سانى يوقۇلۇشقا قاراپ مېڭىش بىلەن بىرگە مەزمۇنىدىمۇ روشەن ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىپ ،ئۇيغۇر تارىخى ، مەدەنىيىتى ۋە ئەدەبىياتىغا ئائىت مەزمۇنلار خىتاينىڭ تەشۋىقات ئوبېكتىغا ئايلىنىپ، ئىلگىرىكى "دىققەت بىلەن "چىقىرىلىدىغان سەزگۈر مەزمۇنلار پۈتۈنلەي كۆزدىن يوقىتىلىپ، ئورنىغا كوممۇنىستىك تۈس ئالغان قىپ قىزىل بىر ئەدەبىيات بەرپا قىلىنماقتا.

گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى، غەيرىي ماددىي ۋە مەدەنىيەت بايلىقلىرىنى ، تىل ئەدەبىياتىنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پۇرسەت بېرىش ئەھدىنامىسىگە قول قويغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ "قوغداۋاتقىنى"، ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان "خىتايچە مەدەنىيەت" يارىتىش ۋە بۇنى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنى توقىتىشتىكى قورال سۈپىتىدە قوللىنىۋاتقان ۋاستە بوپ قالدى.«ئوم ئىككى مۇقام»،«مەشرەپ» قاتارلىق مەدەنىي مىېاسلىرىمىزمۇ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە تەۋە مىراس دەپ قارىلىپ، خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسمى قاتارىدا مۇئامىلە قىلىنىپ، خالىغانچە دەپسەندە قىلىنماقتا.

شىجىنپىڭنىڭ نۆۋەتتە يۈرگۈزىۋاتقان سىياسىتى ئەينى ۋاقىتلاردا ماۋزېدوڭنىڭ 1940-يىللاردا يەنئەندە سۆزلىگەن سۆزىدىكى "مېغىز بىلەن شاكال"نى پەرقلەندۈرۈش پىرىنسىپىنىڭ داۋاملىشىشى بولۇپ، ئەمەلىيەتتە مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىگە بولغان تاجاۋۇزچىلىق ۋە ئاسمىلاتسىيە ئىدى. ئەدىپ جۇن تويفېل ئەگەر بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتى شۇ مىللەتتىن تەركىپ تاپقان پارتىيە ياكى ھۆكۈمەتنىڭ يېتەكچىلكى ئاستىدىلا نورمال تەرەققىياتقا ئېرىشەلەيدۇ، يالغۇز ئۇ مىللەتنىڭ ئۆزىنىڭلا تىرىشچانلىقى بىلەن مەدەنىيەت تەرەققىياتقا ئېرىشەلمەيدۇ دېگەن نەزەرىيەنى ئوتتۇرىغا قويغان.

“Cultural development carried on by the party and government on behalf of minorities seems to be acceptable, whereas cultural development carried out by minorities on their own behalf seems unacceptable.

بۇ نەزەرىيە دەل بىزنىڭ ھازىرقى ھالىتىمىزگە ئۇيغۇن بولۇپ، ھاكىمىيەت باشقا بىرىنىڭ قولىدا بولغان ئەھۋالدا ئۆز مەدەنىيىتىمىزنى ساقلاپ قېلىشتىن ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن سۆز ئىچىش قىيىن.

مەن بۇ يەردە يېقىنقى ۋەزىيەتتىكى ۋەتەن ئىچىدىكى نەشرىياتچىلىق ساھەسىدىكى بىرقانچە نۇقتىلىق ئۆزگىرىشلەرنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق خىتاينىڭ ئەشەددىي سىياسىتىنىڭ بىزگە ئېلىپ كېلىۋاتقان خىرىسلىرى ھەققىدە تەھلىل ئېلىپ بارماقچى. نۆۋەتتە ۋەتەندە نەشر قىلىنىۋاتقان نەشر بۇيۇملىرىدىن خەۋەر تېپىش مۇمكىنچىلىكىمىز ناھايىتى ئاز بولغاچقا، قولۇمغا چۈشكەن بىرقانچە ژۇرناللارنىڭ مەزمۇنى ھەققىدىلا سۆز ئاچالايمەن.

تولۇق بولمىغان سىتاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، مامبەت تۇردىنىڭ «ئاز سانلىق مىىللەتلەرنىڭ نەشرىياتچىلىق ئەھۋالى» ناملىق خىتاي تىلىدىكى ماقالىدىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، 1949-يىلىدىن 2001-يىلىغىچە ئۇيغۇر تىلىدا 100 پارچىدىن ئارتۇق رومان ، 43 پارچىدىن ئارتۇق پوۋېست ۋە ھېكايىلەر نەشر قىلىنغان بولۇپ، 1979-يىلدىن كېيىن ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىلمىي ماقالىلەر 2000 پارچە، ئىلمىي نەزەرىيە ۋە ئوبزورلار 27 پارچە بولغان.

2001-يىلىدىن 2016-يىللارغىچىمۇ خېلى كۆپ ساندا كىلاسسىك ئەسەرلەر ۋە چەتئەل ئەدەبىياتىغا ئائىت ئەسەرلەر نەشر قىلىنىپ ، شەخسىي كىتاب سودىگەرلىرىنىڭ سانىمۇ كۆرۈنەرلىك ئاشقانىدى.

2000-يىلىىدا «تارىم» ژۇرنىلىنىڭ شۇ يىللىق 12 سانىدا ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەر ھەققىدىكى بىر ئىستاتىستىكىدا ، جەمئىي 126ئاپتورنىڭ 475 پارچە شېئىرى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئىچىدە ئايال شائىرلارنىڭ سانى 10 بولۇپ، 50 پارچە ھېكايە، 17 پارچە پوۋېست ۋە31 پارچە نەسىر، 21 پارچە ئوبزور ئېلان قىلىنغانلىقى كۆرسىتىلگەن.مەزكۇر ژۇرنال قۇرۇلغاندىن تارتىپ جەمئىي 18000 پارچە شېئىر ئېلان قىلىنغان. بۇ ماقالىدا يەنە ئۇيغۇرلاردىكى يازغۇچىلار قوشۇنىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىلگىرىكى قاتمال ھالەتتىن بۆسۈپ چىقىپ زامانغا لايىق بولۇش كېرەكلىكى تەشەببۇس قىلىنغان. ئەختەم ئۆمەرنىڭ ئەدەبي تەنقىتچىلىكى ۋە مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ ھېكايىلىرىدىكى ھەجۋىي بايانلارغا ئوخشاش رامكىدىن چەتنەپ كەتكەن، ئەنئەنىۋىي يېزىقچىلىق ئۇسۇلىدىن ھالقىغان ئۇسلۇبتىكى ئەسەرلەرنىڭمۇ ئوقۇرمەنلىرىنىڭ كۆپىيىپ بېرىۋاتقانلىقى يېزىلغان.

تۆۋەندە «تارىم »ژۇرنىلىنىڭ 2010-يىللىق 5-سانى بىلەن 2018-يىللىق 9- سانىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرەيلى:

2010-يىلىدىكى سانىدا 11 سەھىپە بولغان بولۇپ، 2018-يىلىدىكى سانىدا پەقەتلا 7 سەھىپە قالغان. ھازىرمۇ مەۋجۇت سەھىپىلەردىكى ئەسەرلەرنىڭ تېمىسىغا قارايدىغان بولساق،كىلاسسىك ئەسەر ياكى ئىجتىمائىي مەسىلىلەرئۈستىدىكى مۇھاكىمىلەر ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان «مۇھاكىمە ۋە تەقرىز» سەھىپىسىسىدە«19-قۇرۇلتاي دوكلادىدىكى يېزا ئىسلاھاتى روھى ۋە يېزا تېمىسىدىكى ئەدەبىي ئىجادىيەت» ناملىق ئەسەر ئېلان قىلىنغان. «ئالتۇن روجەك » سەھىپىسىدە «تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن» قاتارلىقلار بولۇپ، ئىلگىرىكى «خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى»،«چەتئەل ئەدەبىياتىدىن» قاتارلىق بىرقانچە سەھىپىلەر ئېلىپ تاشلانغان. شېئىرلارنىڭ تېمىسى«رىشتىمىز باغلانغان تۇغقان بىز ئىناق »، «كومپارتىيەم قۇياشىم» دېگەندەك ماۋزۇسىدىنلا كومپارتىيەنىڭ تەشۋىقاتى بولغان، قىزىل شېئىرلار بىلەن قاپلانغانلىقىنى ھېس قىلالايمىز. ئوقۇرمەنلەرنىڭ نە ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ياكى چەتئەل ئەدەبىياتىدىن ھۇزۇر ئېلىشى، ئۆگىنىشى چەكلەنگەن بىر قىياپەتتە كۆز ئالدىمىزغا كېلىدۇ.

گېزىتلاردىن «شىنجاڭ گېزىتى»نى مىسالغا ئالىدىغان بولساق، بۇرۇن گەرچە "مۇقىملىقنى ساقلاش"، "قاتتىق زەربە بېرىش دېگەن "شوئارلار 1990-2000 –يىللاردا ئىزچىل ئۇيغۇرلارنى قاپساپ تۇرغان بولسىمۇ، لېكىن بۈگۈكىدەك بىر سان گېزىتنىڭ پۈتۈن مەزمۇنى كومپارتىيەنىڭ تەشۋىقاتى ، جۇڭگو تەجرىبىسى، بۆلگۈنچىلىككى قارشى تۇرۇش قاتارلىق ئىدىئولوگىيە ئۆزگەرتىشكە ئائىت مەزمۇنلار بىلەن تولغان ئەمەس ئىدى.

گېزىتنىڭ 2019-يىل 1-فېۋرالدىكى سانىنىڭ باش بېتىگە قارايدىغان بولساق، بىر بەتنىڭ ئىچىدىلا خىتاي دۆلەت رەئىسى شىجىنپىڭنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنغان ماۋزۇلۇق خەۋەر تۆتتىن ئاشىدۇ.گېزىتنىڭ «ئەدەبىيات» سەھىپىسىدە، "كومپارتىيەگە مۇھەببەت"،"ئايرىلمايمىز ھىچقاچان"،"دەۋر ساداسى" دېگەندەك ئەدەبىيات تۈسى بولمىغان، ئەدەبىي زوق بېرەلمەيدىغان، شوئار شەكلىدىكى ئەسەرلەر بېرىلگەن.

ئىجتىمائىي پەنلەر ساھەسىدىكى ئىلمىي ماقالىلەر، ئەڭ نوپۇزلۇق تەتقىقاتلار ئېلان قىلىنىدىغان« ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى»ژۇرنىلىنىڭ ئەڭ يېقىنقى 2018-يىللىق 2-سانىدا گەرچە بەت سانى ئۆزگەرمىگەن بولسىمۇ،جەمئىي تۆتلا سەھىپە قالغان بولۇپ، جەمئىي 6 پارچىلا ماقالە بېسىلغان.«باش شۇجى شىجىنپىڭنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇش يادولۇق ئىدىيىسى»،«شىجىنپىڭنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش ئىدىيىسى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئىقتىسادشۇناسلىقنى بەرپا قىلىش» قاتارلىق ئىجادىي ۋە تەرجىمە ئەسەرلەردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئىلگىرىكى تارىخ، دىن ، مەدەنىيەت، تىل –ئەدەبىيات، ئارخېولوگىيەگە ئائىت تەتقىقات مەزمۇنلىرى ئېلان قىلىنىدىغان 8 سەھىپە ھەممىسى غايىپ بولغان.

بۇلاردىن باشقا ئۇيغۇر تىلىدىكى دەرسلىك كىتابلارنىڭ قالدۇرۇلغانلىقى بىزگە مەلۇم، شۇڭا باشقا رومان، توپلام قاتارلىق كىتابلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىمۇ ھالاكەت ئىچىدە تۇرۇۋاتقانلىقى تەسەۋۋۇرىمىزدىن ئانچە يىراق ئەمەس.

ئۇيغۇر تىلىنى تەلتۆكۈس يوقىتىش ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە ئۇيغۇر يازغۇچى، شائىرلىرى ، ئۇنىۋېرسىتېت پروفېېسسورلىرى ۋە تىلشۇناسلارنى كۆزدىن يوقتىىش سىياسىتىنى يۈرگۈزمەكتە. ئۇلارنىڭ بىر قىسىملىرى ئاتالمىش «تەربىيەلەش ئورنى» يەنى جازا لاگىرلىرىدا، بىر قىسىملىرى ئىز-دېرەكسىز غايىپ بولغان، يەنە بىر قىسىملىرى گۇناھسىز ھالدا قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

يازغۇچى نۇرمۇھەممەت توختى 2018-يىلى 11-ئايدىن 2019-يىلى 3-ئايغىچە لاگىردا ياتقان بولۇپ، 5-ئايدا تۇتقۇندا ۋاپات بولغان.

2019-يىلى 3-ئايدا، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدىن ، تالانتلىق يازغۇچى ۋە ئوبزورچى يالقۇن روزى ئەپەندىنىڭ 15يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ،تىلىنغان يۈرەكلەرنى تېخمۇ ئېغىر پىغانلار باستى .يالقۇن روزى خەلقنىڭ مىللىي روھىنى ئويغىتىش ، ئىلىم بېرىش يولىدا كۈرەش قىلغان يازغۇچى ۋە ئوبزورچى ئىدى. مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى كۈچلۈك پۇبلىست ،ئىزدىنىش روھىغا باي تەتقىقاتچى، قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە ناتىق بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر ياراتقان ئىدى.

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ، تىل ۋە ئەدەبىيات پروفېسسورلىرى ئابدۇكېرىم راخمان ، راھىلە داۋۇت ، ئازات سۇلتان ۋە غەيرەتجان ئوسمان ، ئارسلان ئابدۇللا قاتارلىقلار 2018-يىلى 1-ئاي ۋە 2-ئايلاردا قولغا ئېلىنغان.

چەتئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بولسا، بىر تەرەپتىن ۋەتەندىكى قېرىنداشلىرىڭ كەلگۈسىدىن ئەندىشە قىلسا، بىر تەرەپتىن چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار قانداق قىلغاندا ئۇيغۇر تىلىنى قوغداپ قالالايدۇ ۋە ۋارىسلىق قىلالايدۇ دېگەن مەسىلىلەر ئۈستىدە ئويلىنىپ، "ئۇيغۇر تىلى ئانا مەكتىپى" ئېچىش، بالىلار ۋە ياشلار ئارىسىدا مەدەنىيەت – سەنئەت پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق ئۆز تىلى ۋە كىملىكىنى قوغداش يولىدا تىرىشىپ كەلمەكتە.

پايدىلانغان مەنبەلەر:

UHRP, Extracting Cultural Resources: The Exploitation and Criminalization oاf Uyghur Cultural Heritage

曼拜特,土尔地,<<从数字看少数民族出版的发展趋势>>

“Cultural development carried on by the party and government on behalf of minorities seems to be acceptable, whereas cultural development carried out by minorities on their own behalf seems unacceptable.

Like what you read?

Take action for freedom of expression and donate to PEN/Opp. Our work depends upon funding and donors. Every contribution, big or small, is valuable for us.

Donate on Patreon
More ways to get involved

Search