Skip to main content

ئۇيغۇر تىلى ئۆگىتىشنىڭ خەتىرى

Credits Text: ئابدۇۋەلى ئايۇپ December 03 2019

1949-يىلى 13-ئۆكتەبىر ئازاتلىق ئارمىيە دەپ ئاتالغان خىتاي دۆلەتلىك ئارمىيەسى ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلگەندە ئ‍ۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك خەلق قوللىرىغا گۈللەرنى تۇتۇپ، ئۆز ئانا تىلىدا يېزىلغان پىلاكات ۋە لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈپ قارشى ئېلىشقا چىققان ئىدى. ئاتالمىش ئازاتلىق ئارمىيە ئۇيغۇرچە ئۆگىنىپ كوچىلارنى تازىلىغان، كىشىلەرنىڭ سۇلىرىنى توشۇپ يوللارنى سۈپۈرۈپ سۇ چاچقان ئىدى. ئارىدىن تېخى ئون يىلمۇ ئ‍ۆتمەي 1958-يىلغا كەلگەندە يەرلىك خەلق ۋە ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى ئازاتلىق شۇئارىنىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلىنىپ قالدى.

خەلق ئازاتلىق ئارمىيەسى ئۆزىنىڭ ئالدىغا ساھىپخان بولۇپ چىققان خەلقنىڭ مەدەنىيىتىنى تۈپ يىلتىزىدىن قۇرۇتۇپ كومۇنىستىك يېڭى مەدەنىيەت بەرپا قىلماقچى بولۇپ ئۇلارنى خىتايلارغا ئوخشاش كىيىنىشكە، سۆزلەشكە ۋە يېزىپ ئوقۇشقا مەجبۇرۇلاشقا باشلىدى. شۇ يىلى كونىلىقنىڭ سىموۋۇلى بولغان ئۇيغۇر يېزىقى كىرىلچە ھەرىپلەرگە ئالماشتۇرۇلدى. ئۇيغۇر ئاياللىرىغا خىتاي ئاياللىرىغا ئوخشاش كىيىنىش ئۆلچىمى قويۇلدى. رەھمەتلىك تاغام ئەيسا ئەمەت شۇ يىلى ئېچىلىپ سايراشتا خىتاينىڭ يۇقارقى سىياسەتلىرىنى تەنقىت قىلغانلىقى ئۈچۈن 20 يىللىق نەزەربەنتكە ھۆكۈم قىلىندى. ئۆزى ئوڭچى مىللەتچى دەپ قالپاق كىيدۈرۈلگەنلىكى ئۈچۈن ھەتتا پەرزەنتلىرىمۇ زىيانكەشلىكتىن قۇتۇلالمىدى.

ئۇيغۇر يېزىقى 1956-يىلى كىرىلچە يەنى سىلاۋىيانچىغا ئۆزگەرتىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي سوۋېتلەر ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋىتى بۇزۇلدى. ئۇيغۇر يېزىقى تاكى 1980-يىللارغىچە خىتايلاشقان لاتىنچە ئېلىپبەنىڭ بويۇنتۇرىقىدا قالدى. ئۇيغۇر زىيالىلار ئانا ماكانلىرىنى تاشلاپ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىگە چىقىپ كەتتى. 1950-يىللاردىن تاكى 1960-يىللارنىڭ باشلىرىغىچە مۇھاجىر بولۇپ چىقىپ كەتكەن ئۇيغۇر يۈزمىڭدىن ئاشىدۇ.

1966-يىلدىن 1976-يىلغىچە ئون يىل داۋاملاشقان ئاپەتلىك يىللاردا ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيەتى ئېغىر يوقۇتۇشقا دۇچار بولدى. ئۇيغۇرچە كىتاپلار تۆت كونا دېيىلدى. ئۇيغۇرچە مۇقاملار فىئودالىزىمنىڭ قالدۇقى دېيىلىدى. مەدەنىيەتنى ھېرىق ۋە قىزىل دەپ ئىككىگە ئايرىغان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەدەنىيەتىنى سېرىق تۈركۈمگە ئايرىپ يېڭىدىن ئىنقىلابىي شەكىلدە ياساپ چىقماقچى بولدى.

مەدەنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە ئۇيغۇر تىلىغا خىتايچە سۆزلەر زورلاپ كىرگۈزۈلدى. ئۇيغۇرچە دەرسلىكلەردە ھەتتا پەنلەرنىڭ ئىسىملىرى ۋە بارلىق پەننى ئاتالغۇلار، سىياسىي ۋە پەلىسەپىۋىي ئاتالغۇلار پۈتۈنلەي خىتاي تىلىدا دېيىلىدىغان بولدى. شۇ چاغدا ئۇيغۇرچە گېزىتلەرنى ئۇيغۇرلار ئوقۇپ چۈشىنەلمەيدىغان بىر ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى. ئۇيغۇر تىلىدا خىتايچە سۆزلەرنىڭ نىسبىتى 60 پىرسەنتتىن ئېشىپ كەتكەن بولدى. ئۇيغۇر يەرناملىرى پۈتۈنلەي خىتايچە ئاتىلىپ كىشىلەر ئۆز يۇرتىغا قىپ قىزىل ناملارنى ياراشتۇرالماي قىينالدى.

ئۇيغۇر بىناكارلىق ئۇسلۇبىدىكى مەسچىت، مازار ۋە خانىقالار كۇمپەيكۇم قىلىنىپ ئېتىزلىقلارغا ئوغۇت قىلىندى. ئۇيغۇر قەدىمكى ئەسەرلىرى ۋە قوليازمىلار كۆيدۈرۈلدى. شۇ دەۋرىدە قەشقەردە يۈسۈپ خاس ھاجىپ مەقبەرىسى ۋەيران قىلىنغان ئىدى. ۋەيران قىلىنغىنى ماددىي مەدەنىيەتلا ئەمەس، مەنىۋىيەتنىڭ قۇرغۇچىلىرىمۇ پايخان بولۇشتىن ئامان قالمىدى. بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئەدىپلەر ۋە يازغۇچىلار پاجىئەلىك ئۆلۈپ كەتتى. بۇلارنىڭ ۋەكىللىرىدىن نىمىشىت، ئىبراھىم تۇردى ۋە مەلىكە زىياۋۇدۇنلارنى تىلغا ئېلىش موھىم ئەلۋەتتە. `

ئۇيغۇر تىلى خىتاينىڭ 1979-يىلدىن كېيىن باشلانغان ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش دولقۇنى پۇستىدە قايتا بىر گۈللىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. ئۇيغۇر يېزىقى بۇرۇنقى ئەرەپ ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ھالىتىگە قايتىپ كەلدى. ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى ئەدەبى شەكىلدە يېزىپ چىقىشقا باشلىدى. ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى يېڭى بىر سەۋىيەگە كۆتۈرۈلدى. ئەمما ئۇيغۇر تىلىدا توختىماي قىلىنغا ئىملا ئىسلاھاتى ۋە ئۇيغۇر مائارىپىدىكى تۇراقسىزلىق، دەرسلىك ئىسلاھاتى، شۇنداقلا سىياسىي بېسىم ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ ئەقەللى بىر تەرەققىيات سەۋىيەگە يېتىشىنى چەكلەپ قويدى.

2001-يىلى يۈز بەرگەن 11-سىنتەبىر ۋەقەسى دۇنيانىلا ئەمەس ئۇيغۇر مەدەىنىيىتىنىڭ تەقدىرىنىمۇ ئۆزگەرتىۋەتتى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇرۇن ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئامللىرىنى تەرەققىياتقا، زامانىۋىيلىققا ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقىغا پايدىسىز دەپ ئ‍ۆزگەرتىش قىلغان بولسا ئەمدى ئۇنى ئۆزىگە تەھدىت دەپ قارايدىغان بولدى. ئۇيغۇر مەدەنىيىتى 95-يىلدىن باشلاپ تەقىپ قىلىنغان بولسا 2001-يىلدىن كېيىن تارمار قىلىنىدىغان ئوبېكىت بولۇپ قالدى.

2002-يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇر تىلى ئالى ۋە ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپلەردىن سىقىپ چىقىرىلدى. ئ‍ۇيغۇر ۋىلايەتلىرىدە ئ‍ومۇمىيۈزلۈك قوش تىللىق مائارىپ نامىدا ئوقۇتۇش يولغا قويۇلدى. ھۆكۈمەت ئورگانلاردىمۇ ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئورنى تۆۋەنلەپ تەرجىمە باشقارمىلىرى بىكار قىلىندى. ئۇيغۇرچە گېزىت ژورناللار قىسقارتىلدى ياكى قوشۇۋېتىلدى. ئۇيغۇرچە نەشرىياتلار كىتاپلارنى چىقىرىشتا شەخسلەرنىڭ مەبىلەغ سېلىشىغا مۇھتاج بولۇپ قالدى. بۇ ھالەت ئۇيغۇرلارنىڭ نەشرىيات ئىشلىرىدا بىر بوشلۇقنى ياراتتى. ئۇيغۇر يازغۇچىلارنىڭ بىر قىسىم كىتاپلىرى مۇشۇ پۇرسەتتە نەشىر قىلىندى. ئەمما يەنە بىر قىسىم ئ‍اپتۇرلار يازغان ئەسەلىرى سەۋەپلىك قاماققا ئېلىندى. مەسىلەن، نۇرمۇھەممەت ياسىن ئۆركىشى، تۇرسۇنجان ئەمەت قاتارلىق ئەدىپلەر ئەسەرلىرى سەۋەپلىك قولغا ئېلىندى.

ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئالى مائارىپ ئوقۇتۇشىدىن چىقىرىپ تاشلىنىشى ئۇيغۇر زىيالىلار ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى. بۇ ھەقتە تۇنجى بولۇپ قەلەم تەۋرەتكۈچى ئابدۇرۇپ پولات بولدى. ئۇنىڭ «مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەيىندىن مۇئارىفەتۇل لۇغەتەيىنگىچە» دېگەن ئەسىرى «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژورنىلىدا ئېلان قىلىندى. بۇ ماقالە جەمئىيەتتە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغاپ كىشىلەرنىڭ مەۋجۇت خىتاي قانۇنلىرى بويىچە ئانا تىلنى قوغداش قىزغىنلىقىغا سەۋەپ بولدى.

2005-يىلى سىنتەبىردە بىلىك تورىدا ئۇيغۇر تىلنىڭ قانۇنى ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەققىدە مۇراجەتنامە يوللاندى. ئۇيغۇر تىلىنىڭ قانۇنى ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىلىق يېزىلغان تەلەپنامە توردا ئاشكارە ئېلان قىلىنىپ ئىمزا قويۇش سەپەرۋەرلىكى بولدى. بىر ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە تەلەپنامىگە مىڭدىن ئارتۇق زىيالى ئىمزا قويدى. ئىمزا قويغۇچىلارنىڭ سانى ھەسسىلەپ ئېشىۋاتقاندا خىتاي دائىرلىرى بۇ ھەرىكەتنى قارىلاپ بۆلگۈنچىلىك بىلەن باغلىدى. ھەرىكەتنى تەشكىللىگۈچى مەمتىمىن ئەليارنى 12 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى. بۇ ھەرىكەتكە قاتناشقان ۋە ئىمزا قويغان كىشىلەر 2016-يىلى سىنتەبىردە باشلانغان تۇتقۇندا قولغان ئېلىندى. بۇنىڭ ئىچىدە پەرھات تۇرسۇن، قەيسەر ئابدۇكېرىم، كۆرەش تاھىر، ئىبراھىم ئالپتېكىن قاتارلىق زىيالىلارمۇ بار ئىدى.

2009-يىلى ئىيۇلدا بولغان پاجىئە «بەشىنجى ئىيۇل ۋەقەسى» دېگەن نام بىلەن مەشھۇر بولدى ۋە بۇنى خەلقئارا تاراتقۇلار مىللەتلەر توقۇنىشى دەپ ئاتاشقا مايىل بولدى. (يېقىندىن بۇيان بۇ ۋەقە خاتا ھالدا خىتاينىڭ 2016-يىلى سىنتەبىردىن باشلانغان ئومۇمىيۈزلۈك باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ سەۋەبى دېيىلمەكتە). بۇ نامايىش بىلەن باشلانغان ۋە باستۇرۇش بىلەن ئاياقلاشقان ۋەقەدىمۇ سەۋەپ بولغان ئامىللارنىڭ بىرى خىتاي يۈرگۈزگەن مەجبۇرى ئاسمىلاتسىيەلىك تىل سىياسىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا شۇ يىللاردا ئانا تىلنىڭ موھىملىقى ھەققىدە ئىزدەنگەن ئەركىن سىدىق مەزكۇر نامايىشنى قوزغىغان كىشىلەرنىڭ بىرى دەپ قارالدى، ئەركىن سىدىق بىلەن كۆرۈشكەن ئوقۇغۇچىلار تۇتۇلدى. ئەمەلىيەتتە بەشىنجى ئىيۇل ۋەقەسىدە پىلتە بولغان ئامىلنىڭ بىرى دەل ئانا تىل مەسىلىسى ئىدى. خىتاي ساقچىلىرى مېنى سوراق قىلغاندىمۇ بەشىنجى ئىيۇل ۋەقەسى ھەققىدە كۆپ سورىدى ۋە مېنى ئىككىنجى قېتىملىق بەشىنجى ئىيۇل ۋەقەسى سادىر قىلىشقا ئۇرۇنغان دەپ قارىلىدى.

ئۇيغۇرلاردىكى ئانا تىلغا تارتىشىپ ئۇنى قوغداش ئۈچۈن قىلىنغان ئاخىرقى تىرىشچانلىق 2018-يىلى 19-ئاۋغۇست قاتتىق باستۇرۇش بىلەن نەتىجىلەندى. ئۇيغۇر ئانا تىل يەسلىسى ھەرىكىتىنىڭ باشلامچى شەخسلىرىدىن ئابدۇۋەلى ئايۇپ، دىليار ئوبۇل ۋە مەمەتسىدىق ئابدۇرىشىت تۇتقۇن قىلىنىپ قاماققا مەھكۇم قىلىندى. قاماقتىكى ئىنسان چىدىغۇسىز شارائىتلار ئانا تىل داۋاگەرلىرىنى غايىسىدىن ۋاز كەچكۈزمىدى. سوراقلار ئانا تىل پائالىيەتچىلىرىنى بۆلگۈنچىلىك، ئەسەبىيلىك ۋە تېرورلۇق بىلەن باغلىيالمىدى. ئۇلار قۇرغان ئانا تىل شىركىتىگە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ھىچ بىرى ئانا تىلچىلار ئۈستىدىن سوتقا ئەرىز قىلىشقا قوشۇلمىدى. نەتىجىدە ئانا تىل داۋاسىنى سىياسىي داۋاغا ئايلاندۇرۇش غەرىزى ئەمەلگە ئاشمىدى.

1949-يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا تەڭلەنگەن مىلتىق ۋە ئۇنىڭغا قارشى چىقىۋاتقان قەلەم بىر بىرىنى بويسۇندۇرۇپ بولالمىدى. ئۇيغۇر زىيالىلار مىلتىقنىڭ زوراۋانلىقىغا قارشى قەلەمنىڭ كۈچى بىلەن كۈرەش قىلىشتا ھىچ بىر زامان سەپ بويىچە چېكىنمىدى. ئەلۋەتتە ئۇلاردىن سەپ بويىچە ھۇجۇمغا ئۆتۈشنىمۇ كۈتۈپ كەتكىلى بولمايتتى. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە قەلەم تۇتقۇچىلار ئومۇمىيۈزلۈك تۇتقۇنغا ئۇچرىدى. تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمچە 450 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر قەلەمكەش ۋە زىيالى قاماققا ئېلىندى. ئۇلارنىڭ كىتاپلىرى كۆيدۈرۈلدى.

ئ‍ۇيغۇر تىلى بۈگۈن پەقەت قازاقىستاندا ياشايدىغان ئۇيغۇرلار ئارىسىدىلا مائارىپ تىلى سۈپىتىدە قوللىنىلماقتا. ئەمما ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇيدىغان ئ‍وقۇغۇچىلارنىڭ سانى يىلسىرى ئازلاپ كېتىۋاتقانلىقى ئەمەلىيەت. بۈگۈن ئۇيغۇر تىلى پەقەت مۇھاجىرەتتىكى نەچچە يۈزمىڭ ئۇيغۇر قوغداپ ۋارىسلىق قىلمىسا يوقۇلۇپ كېتىدىغان تىلغا ئايلىنىپ قالدى. ئۇيغۇر تىلنىڭ مەۋجۇتلۇقى مۇھاجىرەتتە ئۇزاققا بارمايدۇ. بۇ مۇھاجىرەتكە يۈزلەنگەن ھەر قانداق تىل ئۈچۈن ئورتاق بىر ئاقىۋەت. ئۇيغۇر تىلىنىڭ يوقۇلۇپ كەتمەسلىكى بۇ تىلنى خەتەرلىك بىلىپ چەكلەۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خاتا سىياسەتلىرىدىن ۋاز كېچىپ، تىللار ۋە مەدەنىيەتلەرنىڭ ھەمكارلىقى، ھەمدەملىكى ۋە بىرلىكتە تەرەققى قىلىشىغا يول قويۇش قويماسلىقىغا، ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىگۈچى نەچچە ئون مىليۇن كىشىلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىش قىلماسلىقىغا باغلىق بولۇپ قالدى.

Like what you read?

Take action for freedom of expression and donate to PEN/Opp. Our work depends upon funding and donors. Every contribution, big or small, is valuable for us.

Donate on Patreon
More ways to get involved

Search